كىرىش

شىنجاڭ يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى

دۆلەتلىك كلىنىكىلىق نۇقتىلىق يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلەر تاشقى بۆلۈمى
ۋۇخەن ئاسىيا يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى داۋالاش گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى
ئاپتونوم رايون • بىڭتۇەن • ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش • سودا سۇغۇرتىسى • تۆمۈر يول • نېفىت • نېفىت-خىمىيە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېكىتكەن دوختۇرخانا
ئۇرۇنچى شەھەرلىك بېيجىڭ جەنۇبىي يولى يۇقىرى پەن – تېخنىكا كوچىسى

دوختۇرخانا تونۇشتۇرۇلۇشى

دوختۇرخانا تونۇشتۇرۇلۇشى





 


ۋۇخەن ئوتتۇرا ئاسىيا يۈرەك كېسەللىكى دوختۇرخانىسى گۇرۇھى (شىنجاڭ دوختۇرخانىسى، ۋۇخەن دوختۇرخانىسى) سەھىيە نازارىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق 3-دەرىجىلىك يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرخانىسى، يۈرەك كېسەللىكى تاشقى بۆلۈمى «دۆلەت يۈرەك-مېڭە قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى نۇقتىلىق ئىلىم-پەن» قاتارىغا، يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى «سەھىيە نازارىتى يۈرەك-مېڭە قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى نۇقتىلىق ئىلىم-پەن» قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنى دورا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاش تەربىيە بازىسى(تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسىلى، يۈرەك رىتىمى بىنورماللىقى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرلۈك)» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، سەھىيە يېمەكلىك-دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى «يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە كىلىنىكىدا دورا ئارقىلىق داۋالاشنى سىناق قىلىش ئاپپاراتى» سالاھىيىتىنى بەرگەن. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۈچ چوڭ يۈرەك كېسەللىكىنى داۋالاش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دوختۇرخانا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى جۇڭگو ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى مۇتەخەسسىسى جۇ شياۋدۇڭ پىروفېسسور ئۈستىگە ئالغان، دوختۇرخانا 2000غا يېقىن نوپۇزلۇق ۋە تەجرىبىسى مول داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش كەسپىي خادىمىغا ئىگە.




يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ھەر تۈرلۈك مۇرەككەپ تۇغما يۈرەك كېسەللىكىنى تۈزەش ئوپېراتسىيەسى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە تىرەك سېلىپ داۋالاش ئوپېراتسىيەسى، رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى پەردە ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ۋە ھەر تۈرلۈك مۇرەككەپ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئوپېراتسىيەلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ماھىر. يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنى تىرەك سېلىپ داۋالاش ئوپېراتسىيەسى، يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىقىنى تېز سۈرئەتتە يوقىتىش ئوپېراتسىيەسى، ئاستا-سوزۇلما خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىق كېسەللىكلىرىنى تومۇر قوزغاتقۇچ ئورنىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئوپېراتسىيەسى، تۇغما يۈرەك كېسەللىكىنى توسۇش ئوپېراتسىيەسى، چوڭ قان تومۇر پەردىلىرىگە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ماھىر. نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى باش سۆڭىكى مۇرەككەپ تاشقى يارىسى، ھەر خىل باش سۆڭىكى ئىچى ۋە ئومۇرتقا قانال ئىچى ئۆسمىسى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا ماھىر؛ نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى مېڭىگە قان چۈشۈش خاراكتېرلىك كېسەللىك، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى كېسەللىك، ئۈچ ئاچا نېرۋا ئاغرىقى كېسەللىكى، يۈز نېرۋىلىرى تۈردىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ماھىر. نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى دورا كىرگۈزۈش ئارقىلىق داۋالاشقا ماھىر، مەسىلەن مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسى، مېڭە، يۇلۇن ئارتېرىيە تومۇرى غەيرىيلىكى، قاتتىق مېڭە پەردە ئارتېرىيە تومۇرى ئاقمىسى، سىرتقى زەخىمدىن بولغان بويۇن ئىچكى ئارتېرىيە تومۇرى بۇلۇتسىمان كاۋاك ئاقمىسى، سىرتقى زەخىم سەۋەبلىك بويۇن ئىچى ئارتېرىيە تومۇرى ساختا خاراكتېرلىك ئارتېرىيە تومۇرى يېرىلىپ بۇرۇن بوشلۇقى قاناش، يۇلۇن ئارتېرىيە تومۇرى غەيرىيلىكى ۋە قاتتىق يۇلۇن پەردە ئاقمىسى قان تومۇرلىرىغا دورا كىرگۈزۈپ داۋالاش، بويۇن ئارتېرىيە تومۇرىغا تىرەك سېلىش، باش سۆڭىكى ئارتېرىيەسىگە تىرەك سېلىش قاتارلىقلار. سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئومۇرتقا، بوغۇم، يارا قاتارلىق ئۈچ چوڭ كېسەللىكنى داۋالاشقا ماھىر، ئۆزى تەتقىق قىلىپ يولغا قويغان سىستېمىلاردىن يات تەنگە سۆڭەك سېلىش +PLIGتېخنىكىسىنى بەل ئومۇرتقا ئارىلىقى بىرلەشمە ئوپېراتسىيەسىنى، ياشانغانلاردىكى بەل ئومۇرتقا بوغۇم قىسىمى چېكىنىش سەۋەبىدىن شەكىل ئۆزگىرىش، بەل ئومۇرتقىسى مۇقىم بولماسلىق، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى چېكىنىش سەۋەبلىك يانغا ئېگىلىش، بەل ئومۇرتقا نەيچىسى تارىيىش، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى چۈشۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى. بۇ تۈردىكى تېخنىكا سەۋىيەسى خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتارغا يەتتى. سۈنئىي پۈتۈن داس سۆڭىكى، پۈتۈن تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەلىرىنى قانات يايدۇردى. بولۇپمۇ مۇرەككەپ سۈنئىي پۈتۈن داس سۆڭىكىنى ئوڭشاش ئوپېراتسىيەسى جەھەتتە ئۆزگىچە داۋالاپ ساقايتىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە باشلامچىلىق قىلىدىغان سەۋىيە شەكىللەندۈرگەن. قىسمەن ئالاھىدە، مۇرەككەپ يۇقىرى دەرىجىدە غەيرىيلەشكەن قوش تەرەپلىك رېمانتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغىدا پۈتۈن تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش، سۈنئىي بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى، سۈنئىي مۈرە-جەينەك بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئوپېراتسىيەلەردە شىنجاڭ ئىچىدە ئىلغار سەۋىيەدە تۇرىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان، دائىم قوزغىلىدىغان، بولۇپمۇ پۇت-قوللاردىكى مۇرەككەپ يارا، داس سۆڭىكى سۇنۇش، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى سۇنۇش، ئوچۇق خاراكتېرلىك سۆڭەك سۇنۇش، بالىلاردىكى تۇغما كېسەللىك، يۇقىرى ياشلىق بىمارلاردىكى بۆرتمە ئارىلىق سۆڭىكى سۇنۇش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئۆزگىچە داۋالاش ئىدىيەسىگە ئىگە. دوختۇرخانا يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ئۇنىۋېرسال ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى تەسىس قىلىپ (نەپەس، ھەزىم ۋە ئىچكى ئاجرالما قاتارلىق كەسىپلەر)، مۇناسىۋەتلىك نوپۇزلۇق كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە مۇتەخەسسىسلەرنى مەسئۇل قىلغان.


دوختۇرخانا داۋاملىق تۈردە يېڭى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزگەن، ئۇلار 2-ئەۋلاد قوش مەنبەلىكCT، رەقەملىك قان تومۇر تەسۋىرى چۈشۈرۈش سىستېمىسى، رەڭلىك يۈرەك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇن سىستېمىسى، 3.0 تۆت ئۆلچەملىك ماگنىتېك رېزونانىس قاتارلىق خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزۈپ، داۋالاش ئاساسىنى پۇختىلىغان.


دوختۇرخانا قۇرۇلغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان 22 مىڭدىن كۆپرەك تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار بالىلارنىڭ يۈرىكىنى داۋالاپ ساقايتتى؛ 5000 دىن كۆپرەك تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىغا 15 مىڭ تىرەك سالدى؛ 8000 دىن كۆپرەك كىلاپان كېسەللىكى بىمارلىرى ئۈچۈن 10 مىڭدىن كۆپرەك سۈنئىي كىلاپان ئالماشتۇردى. ھەر تۈرلۈك يۈرەك كېسەللىكى تاشقى بۆلۈم ئوپېراتسىيەلىرىدىن 35 مىڭ قېتىم تاماملىدى. 34 مىڭدىن كۆپرەك يۈرەك قان تومۇر بىمارلىرى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك يۈرەك تاجىسىمان تومۇرى ۋە ئېلېكتىر فىزىيولوگىيەلىك دورا كىرگۈزۈپ داۋالاش ئوپېراتسىيەلىرىنى قانات يايدۇردى؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى 17 مىڭدىن كۆپرەك بىمارغا 24 مىڭ تىرەك سالدى، 11 مىڭ بىمارغا رادىيو چاستوتىسى ئارقىلىق ئېرىتىش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ باردى، 3000 بىمارغا تومۇر قوزغاتقۇچ ئورناتتى، 1500 بىمارغا يۈرەك دالانچىسى \ قېرىنچىسى كەمتۈكلۈكىنى ئېتىش ئەسۋابى ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك مۇرەككەپ دورا كىرگۈزۈش ئارقىلىق داۋالاش ئوپېراتسىيەلىرىدىن 2000 دىن كۆپرەكنى تاماملىدى. يۈرەك تاشقى بۆلۈم كېسەللىكلىرىنى داۋالاش نىسبىتى %99.6 كە يېتىدۇ، يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئوپېراتسىيە قېتىم سانى ئۇدا 7 يىل دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى 3-ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى؛ يۈرەك قان تومۇرلىرىغا دورا كىرگۈزۈپ داۋالاش قېتىم سانى، ئوپېراتسىيە تۈرى ۋە داۋالاش ئۈنۈمى ئۇدا 7 يىل دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرۇپ كەلدى؛ يۈرەككە دورا كىرگۈزۈپ داۋالاش ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئوپېراتسىيەلىرنىڭ سەۋىيەسى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.


 

دوختۇرخانا تەرەققىياتى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى تارمىقى «ئەتە پىلانى» داۋالاش-ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى «باھار مايسىسى قۇرۇلۇشى»دا بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، خۇاشيا خەيرى-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى «ئەييۇ بالىلار يۈرىكى»دە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بولۇپ، «پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوختۇرخانىلار مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئورۇن»، 2006-يىلى «مەملىكەت بويىچە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئەمەلىي كۈچى ئەڭ يۇقىرى دوختۇرخانا» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى؛ 2005-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر، ئۇدا 8 يىل داۋالىنىش سۇغۇرتا بىرلەشمىسى يىللىق تەكشۈرۈشىدە «داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى مۇنەۋۋەر بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، بىڭتۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۆمۈر يول داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر-بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، سودا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ۋىلايەت-ئوبلاستلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بېكىتىلگەن ئورۇنغا ئايلاندى. 2013-يىلى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرخانىلىرىنى باھالاشتا ئۈچىنچى دەرىجەAتۈرىدىكى مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرخانىسى بولۇپ باھالاندى.